ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئابدۇراھمان ھەسەن خىتايدىن ئانىسى ۋە ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-15 20:22:26 جەمئى 25279 قېتىم ئوقۇلغان.

"ئانامنى ۋە ئايالمىنى بۇنچىلىك خورلىغىچە ئېتىپ بېرىڭلار، ئوقنىڭ ھەققىنى مانا مەن بېرىمەن! ئۇلارنىڭ بۇ خورلۇقتا ياشىغىندىن ئۆلگىنى ئۇلار ئۈچۈن مىڭ راھەت!

ئابدۇراھمان ھەسەن خىتايدىن ئانىسى ۋە ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

15- يانۋار ئەتتىگەن ئىستىقلال تېلېۋىزىيىمىز ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈنگە شاھىد بولدى. مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئاچچىق كەچۈرمىشلەرگە ئىگە ئۇيغۇرلىرىمىزدىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئاچقان ئاتالمىش تەربىيىلەش لاگېرىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ئابدۇراھمان ھەسەننىڭ تەربىيىلەش لاگېرىدا قامالغان ئانىسى ۋە ئايالى ھەققىدە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ، بارلىق خەتەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ھالدا جەسۇرلۇق بىلەن ئىستىقلال تېلېۋىزىيىمىزگە كەلدى. ھەمدە خىتايدىن ئۆزىنىڭ ئانسى ۋە ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بىرىشىنى تەلەپ قىلش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق خىتايغا قارشى خىتابى بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇلارنى قىلىشنى مەجبۇرلىغان نەرسە خىتاينىڭ ئائىلىسىگە قىلىۋاتقان ۋەھشىي زۇلۇمى ئىكەن.

 ئابدۇراھمان ھەسەن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق تىجارەت بىلەن تونۇلغان ۋە مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن بىرى ئىكەن. ئۇزۇن يىللار قەشقەرنىڭ مىۋىلىرىنى ئوتتورا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىكىسپورت قىلىشتا بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئانىسى  ئامىنە مەممەت 30  يىللىق پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بۇ يىل 68 ياشتا، ئايالى  تۇنساگۇل نۇرمۇھەممەد  22 ياشلىق ئائىلە ئايالى  بولۇپ ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن.


بىز ئۇنىڭ خىتايدىن ئۆزىنىڭ جان- جىگەر ئانىسى ۋە سۆيۈملۈك ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبىنى ئىگىلەش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاچقان تەربىيىلەش لاگېر خىزمەتچىسى ئاشكارىلىغان ئەھۋاللارغا شاھىد قىلىش ئۈچۈن تېلېۋىزىيىمىزدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رىياسەتچى: خىتاينىڭ ئانىڭىز ۋە ئايالىڭىزنى نېمە سەۋەپتىن تەربىيىلەش لاگېرىغا قامىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

 ئابدۇراھمان ھەسەن: ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىردىنبىر جىنايىتى بىر ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىقى، ئىككىنچىسى، مېنىڭ چەتئەلدە بولغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەمما بۇ ئاساس ئەمەس، ئانام ۋە ئايالىم ۋە بارلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار خىتاينڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مۇشۇنداق زۇلۇملارنى كۆرمەكتە.

ئۇ يەنە سۆھبەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق تىجارەت بىلەن تونۇلغان ۋە مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى،  ئۇزۇن يىللار قەشقەرنىڭ مىۋىلىرىنى ئوتتورا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىكىسپورت قىلىشتا بىرىنجىلىكنى قولدى بەرمەي كەلگەنلىكىنى،  2015-يىل قەشقەردە 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ پۇتبۇل تەربىيلەش بازىسى قۇرغانلىقىنى ... شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ دىققەت قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان ئابدۇراھمان يۈسۈپ 2017 – يىل 1-ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۆزىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئانىسى  ئامىنە مەممەت 30  يىللىق پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بۇ يىل 68 ياشتا. ئايالى  تۇنساگۇل نۇرمۇھەممەد  22 ياشلىق ئائىلە ئايالى  بولۇپ ئىككى پەرزەنتى بار.

ئۇ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئۈچ ئايدىن بىرى خىتاينىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا ئاچقان ئاتالمىش تەربىيەلەش ئورنىدا قاماقتا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى  ۋە ئىككى پەرزەنتىنىڭ نەدىلىكى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئانىسى ۋە ئايالىنى نورمال تەربىيلەش مەركىزىدە بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئاخشام ئىگەللىگەن مەلۇماتلىرىدىن ئانىسىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ چىدىغۇسىز خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئىكرانغا چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .

ئۇ تەربىيلەش ئورنىدىكى ئانىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئاڭلاپ چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئانام تۇرغان تەربىيلەش ئورنىدا ئانامنى تاڭ سەھەر 5:30 دا ئويغۇتىدىغانلىقى ۋە سائەت سەككىزگىچە قاتتىق ئورۇندۇقتا يەرگە قاراپ ئولتۇرغۇزىدىغانلىقى، سائەت سەككىزدە بىر ھورنان ياكى قۇرۇق نان بېرىپ ناشتا قىلدۇرغاندىن كېيىن، سائەت ئونغىچە ئاسمانغا قارىتىپ ئولتۇرغۇزىدىغانلىقى ۋە شۇ تەرىقىدە چۈشلۈك تاماق ۋە ھاجەتكە چىققاندىن سىرتقى پۈتۈن ۋاقىتلاردا خۇددى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش كەچ سائەت 10:30 غىچە مىدىرىماي يەرگە قاراپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى، يېقىندا بىر قېتىم ياشانغان بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلالمىغان بولسا كېرەك، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدىڭ دەپ  بىر كۈن ئاچ قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە كېلىپ ئۇ ئىگەللىگەن مەلۇماتتا، ئانىسىنىڭ كۆرۈۋاتقان بۇ كۈنى تەربىيلەش ئورنىدىكى ئەڭ ياخشى شارائىت ئىكەنلىكى، بۇ شارائىتلارنىڭ پەقەت ئۇزۇن يىل دۆلەتكە ئىشلىگەن كادىرلارغا خاس ئىكەنلىكى بولغان. ئەمما ئايالى باشقا بىر نورمال خەلق كىرىدىغان تەربىيلەش لاگىرىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار ئىكەن.

ئابدۇراھمان ھەسەن ئانىسىنىڭ تەربىيىلەش لاگېرىغا قامىلىشتىن بۇرۇنقى سۇرىتى

ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: 30 يىل خىتاي مائارىپىدا مىڭلىغان ئوقۇغۇچى تەربىيلىگەن ، ئائىلىسىدە ھېچقاندا سىياسىي مەسىلە چىقىپ باقمىغان بىر ياشانغان ئانىنىڭ كۆرگەن كۈنى بۇ بولسا، نورمال خەلق قانداق كۈننى كۆرۈۋاتىدۇ؟ دەپ سۇئال قويدى.  

ئۇ ئىگەللىگەن مەلۇماتتا يەنە، مۇشۇنداق شارائىتى ياخشى دېيىلگەن تەربىيلەش لاگىرىدا ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈكىنىڭ چىقىۋاتقانلىقى بولغان.

ئۇ ئىپادىسىدە: خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكتە گىتلىردىن ئاللىبۇرۇن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، چۈنكى گىتلىر يەھۇدىيلارنى لاگىرلاردا ئۆلتۈرۈپلا تۈگەتكەن بولسا، خىتاي ئاستا-ئاستا ۋە ئېغىر خورلاش بىلەن ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: مەن بۇ ئىكراندىن خىتاي دائىرىلىرىگە شۇنداق خىتاب قىلىمەن:

ئانامنى ۋە ئايالمىنى بۇنچىلىك خورلىغىچە ئېتىپ بېرىڭلار، ئوقنىڭ ھەققىنى مانا مەن بېرىمەن! ئۇلارنىڭ بۇ خورلۇقتا ياشىغىندىن ئۆلگىنى ئۇلار ئۈچۈن مىڭ راھەت!

چۈنكى مەن بىر ئوغۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانامغا، بىر ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئايالىمغا ھېچبىر ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم. مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى بۇ ئىكەن. ھېچبولمىسا ئوقنىڭ پۇلىسىنى بېرىش بىلەن ئۇلارنى بۇ خورلۇقتىن قۇتقۇزۇپ قالاي دېدىم.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ: يېقىندا ئەنقەرەگە بېرىپ بۇ ئەھۋالنى ئەنقەرەدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىدا ئېيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوخشاش داۋانى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەب تاييىپ ئەردوغانغىمۇ ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىكى ب د ت تەشكىلاتىغىچە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئون مىڭلىغان ئوخشاش كەچۈرمىشلەرگە ئىگە قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت قىلىپ: ئەمدى سۈكۈت قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاخباراتقا خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قانداق ۋەھشىيلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش كېرەكلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتىبەشىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا دۇنياغا ئېچىپ، خىتاينى قىيىن ئەھۋالدا قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

سۆھبەت تەپسىلاتىنى يېقىندا تورىمىزدىن كۆرۈۋالغايسىلەر.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ