ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيىدە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-16 16:42:14 جەمئى 7301 قېتىم ئوقۇلغان.

غايىمىز: شەرقىي تۈركستانلىقلارنى تەنتەربىيە ساھەسىدە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى خەلقئارادا نامايان قىلدۇرۇش

ۈركىيىدە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىتەكچىلىرىنىڭ ۋەتەن سۆيەر روھىنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيىنىڭ قەيسەرىي شەھىرىدە << تۈركىستان پۇتبول كۇلۇبى >> ناملىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى.


2017- يىلى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلىشى مىرا ھەيدەرجان، ئەرھان قاتارلىقلارنىڭ قول تىقىپ ئىشلىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ پۇتبول كۇلۇبى تۈركىيىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ، رەسمى شەكىلدە قانۇنى رەسمىيەتلەرنى تولۇق ئۆتىگەن.


كۇلۇب يېتەكچىسى مىرا ھەيدەر ئەپەندى پۇتبول كۇلۇبىنى تەشكىللەشتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە شىرىن ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قلدى:

 


1. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان ياشلىرىنى تەنتەربىيە ساھەدە تەرەققى قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك، ھەتتا تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ياشلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارشى ئەركىن جەمئىيەتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش.
2. كۇلۇبتا بىرلا پۇتبول ئەمەس، بەلكى چېلىشچىلىق، بوكسچىلىق ۋە باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمزنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش.
3. شەرقىي تۈركستانلىقلارنى تەنتەربىيە ساھەسىدە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى خەلقئارادا نامايان قىلدۇرۇش.


4. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تەنتەربىيە ۋاستىسى بىلەن خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇپ، ئاخىردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىساننى خىتاي تاجاۋۇرچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن تىزرەك قۇتۇلدۇرۇپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش.
ئاخىردا كۇلۇب يېتەكچىسى بۇ يىل يازدا ‹‹ دۇنيا ئۇيغۇر پۇتبول تورنا لوڭقا مۇسابىقىسى›› تەشكىللەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى يېقىندىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ