ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

فىرانسىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىماقچى بولغان

فىرانسىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىماقچى بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشچە، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى نەبىل شائاش

پەلەستىن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،<<  بىرقانچە كۈن ئىلگىرى تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەلباجى قائىد سىبسىنىڭ فىرانسىيىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، جۈملىدىن يېقىندا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، سىبسىنىڭ پەلەستىننىڭ تەلىپىگە بىنائەن پارىژ ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شائاش، فىرانسىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ بىرقانچە ھەپتە ياكى بىرقانچە ئاي ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى، ئەنگىلىيىنىڭمۇ پەلەستىننى ئېتراپ قىلىدىغا دۆلەتلەر قاتارىدىن بولىدىغانلىقىنى >>  بىلدۈرگەن.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىتغاندا، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 135 كە يېتىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ