ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مالايشىيا 11 ئۇيغۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟

مالايشىيا 11 ئۇيغۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟
-12 فېۋرال gulf today خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەد زاھىد ھەمىد 11 ئۇيغۇر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ:« مالايسىيا ھۆكۈمىتى 11 ئۇيغۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟ » دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بىرىپ: « مالايشىيا خىتاي بىلەن سودا ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بىرى، بىز خىتاينىڭ 11 ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش ھەققىدىكى تەلىۋىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بىراق باشقا دۆلەت ئۆزىنىڭ پۇقراسىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، بىزنىڭ بۇ ھەقتە بەلگىلىك پىرىنسىپىمىز بار. بىز شۇ پىرىنسىپلار بىلەن ئىش كۆرىمىز، ئەگەر 11 ئۇيغۇر خىتاي دېگەندەك تېررورلۇق پائالىيىتىگە قاتناشقان بولسا، بىزنىڭ ساقچىلار ئۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بولۇپ، ئاندىن خىتاينىڭ تەلىۋىنى ئويلىشىمىز» دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ