خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا زور كۈچ سەرپ قىلماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ساختا مەيدان ياساپ، چەت ئەل زىيارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلدۇرۇشنى كۆپەيتمەكتە ۋە بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، قورچاق ئەمەلدار ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز 8-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئەقىل ئامبارلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە ما شىڭرۈي زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تارىخ، مىللەت، دىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئەھۋالىغا ئالاقىدار يالغان بايانلار بىلەن تونۇشتۇرغان. ئۇ سۆزىدە: «دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، دىننى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدۇق، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردۇق» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنى پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆمىكى ئىچىدە تۈركىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەقىل ئامبارلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى بار بولۇپ، قاتار يېرىم ئارال تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇل موللا، مالايشىيا «يېڭى بوغۇز ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى سىنگ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسەت ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى ئاسىيا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گولپۇر، ھىندونېزىيە گاجامادا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۇلىئان تورو، سەئۇدى ئەرەبىستان «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى»نىڭ ئالىي مۇخبىرى مۇھەممەت قاتارلىقلار ئۇچرىشىشتا سۆز قىلغان.

ما شىڭرۈي بۇ قېتىممۇ چەت ئەل زىيارەتچىلىرىگە يەنە «دىننى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدۇق، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردۇق» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن بىلجىرلاپ، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىدى ۋە ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2692 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2024 21:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق