ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيە باياناتچىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
تۈركىيە ئا خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك 18-فېۋرال مۇخبىرلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالغان.
ئۇ سۆزىدە: «يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن يامان خەۋەرلەر تارقىلىۋاتىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن خىتايدا پەيدا بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىدە خىتايغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىمىزنى، خىتاي خەلقىگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ ئاپەتتىن ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ياردەملەرگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئالاقىدار يامان خەۋەرلەردىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىمىزنى ۋە قايغۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتىمىز. پات يېقىندا بىر ھەيئىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ. بىز بۇ زىيارەتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى، ھەيئەتنىڭ خالىغان جايلارنى زىيارەت قىلالىشىنى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يامان خەۋەرلەرنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئۆمەر چەلىك يەنە مۇخبىرنىڭ ئەۋەتىلىدىغان ھەيئەتتە كىملەرنىڭ بار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، كىملەرنىڭ بارىدىغانلىقى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن داۋاملىق مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە جازا لاگېرى مەسىلىلىرى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئالدىنىقى كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىمۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595