خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن

اسىيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر 63 دۆلەتكە ئەقلىي ئىدراكلىق كۆزىتىش تېخنىكىسى سېتىپ بەرگەن.
بۇ دوكلاتنى گارنېگ خەلقئارا تىنچلىق فوندى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 63 دۆلەتنىڭ 36سى خىتاينىڭ بىر بەلباغ-بىر يول پىلانىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران، ۋېنېسۇئىلا، بىرما قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر دۆلەتلەر بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاساسلىق «مۇستەبىتلەر تېخنىكىسى»نى تەمىنلىگۈچى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى، بۇ تېخنىكىلارنى شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى زور سوممىلىق قەرز بېرىش بىلەن قىزىقتۇرغانلىقى، ئەمما ئۇلارنى بۇنىڭ بەدىلىگە خۇاۋېيغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئۈسكۈنە، تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىشقا زورلىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
بۇ تېخنىكىنى ئىگىلىگەن پەقەت خىتايلا ئەمەس بولۇپ، ياپونىيەنىڭ NEC شىركىتى 14 دۆلەتنى، ئامېرىكىنىڭ IBM شىركىتى 11 دۆلەتنى ئەقلىي ئىدراكلىق كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاي ۋە باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش خەلقنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 625 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2019 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق