
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىسلام ئەللىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلدى
27-دېكابىر ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىسلام ئەللىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، بىر قانچە ئىسلام دۆلىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
تۈنۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن ھىندونېزىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمان ئامما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىغا، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى نامايىش قىلغان. شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن خەلق «بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېنىدا!» «خىتايلار تېررورچى!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. نامايىشچىلار بىردەك ئىسلام ئەللىرىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

ھىندونېزىيەدىكى نامايىشقا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەدەنىيەت جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىشتىراك قىلىپ، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
تۈنۈگۈن خىتايغا قارشى نامايىش يەنە مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشنى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن ئورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن. يۈز مىڭدىن ئارتۇق خەلق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارشى شوئارلارنى توۋلاش بىلەن بىرگە، شەرقىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلىشىپ خىتاينى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرغان.
مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى يەنە خىتاي كونسۇلىغا مەكتۇب تاپشۇرغان بولۇپ، مەكتۇبتا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن باستۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىغان.

تۈنۈگۈن يەنە مەسچىدى ئەقسادىكى جۈمە خۇتبىسدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسچىدى ئەقسانىڭ خاتىپى يۈسۈف ئەبۇ ئۇسەينىيە جۈمە خۇتبىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلرىمىز خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى. خىتاي ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈنۈگۈن يەنە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى رەئىسى ئەھمەد رەيسۇنىي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل قاتتىق باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، نەچچە مىليون كىشىنى تۇتقۇن قىلدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئەھمەد رەيسۇنى سۆزىدە يەنە بارلىق ئىسلام دۇنياسى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشتىن باشلاپ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
