
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي يەنە ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خەلققە مەجبۇرىي تېڭىۋاتقان بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئاتالمىش «ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-نۆۋەتلىك ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى بۇ ئاينىڭ بېشىدا پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تارىختىن بۇيان مەزكۇر خىتاي ئادىتىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى بولمىغان قەشقەردىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن 70 تىن ئارتۇق كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشقان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتىنى ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى»نىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي ئادىتىنىڭ زورلاپ تېڭىلىشى نەتىجىسىدە، 2018-يىلىدىن بۇيان پەقەت پەيزىۋات ناھىيەسىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى ئەترىتى» قۇرۇلغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ، دېھقانلارنىڭ «ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى»نى بىر كۆرۈپلا ئالاھىدە ياقتۇرۇپ قالغانلىقى، مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئۆزلۈكىدىن تىزىملىتىپ، بۇ ئۇسسۇلنى ئۆگەنگەنلىكىدەك ئويدۇرمىلار بايان قىلىنغاندىن سىرت، بۇ ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتىنى «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، گۈزەللىك ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» دېگەندەك نومۇسسىزلارچە ئىبارىلەر بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.
بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە، مەجبۇرىي تەبرىكلەنگەن خىتاي بايراملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى» ئويناشقا مەجبۇرلانغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەنىدى.
ئۇيغۇر كۈلتۈرى، ئەنئەنىلىرى چەكلىنىۋاتقان، يوقىتىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەت بىر ناھىيەسىدىلا 100 دىن ئارتۇق «ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى» ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.