
خىتاي تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان ۋە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې مۇداپىئە خامچوتىنى 40 مىليارد دوللار كۆپەيتىش پىلانىنى تەكىتلىدى.
لەي چىڭدې ئالدىنقى ھەپتە بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى سەككىز يىلدا مۇداپىئە خامچوتىنى 40 مىليارد دوللار كۆپەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر خامچوت ئاساسلىقى «T-Dome» دەپ ئاتىلىدىغان كۆپ قاتلاملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربىي ھۇجۇم خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى خىتاينىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قاتارلىق قوراللىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
نۆۋەتتە تەيۋەننىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ۋە ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان كۆپ خىل مۇداپىئە قوراللىرى بار ئىكەن. «T-Dome» سىستېمىسى بولسا بۇ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى رادار، سېنزور قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق بىرلەشتۈرىدىكەن.
تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئەگەر ھەربىي ئۈسكۈنە ۋە قوراللارنى بىرلەشتۈرمىگەن تەقدىردە، خىتايغا قايتۇرما زەربە بېرىش، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى توسۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، قوراللارنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئالدىنقى ھەپتىلەردە ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائېنىڭ «تەيۋەنگە بىر ئىش بولسا، ياپونىيە خەتەر ئىچىدە قالىدۇ» دېگەن بايانلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ياپونىيەگە بېسىم قىلماقتا. ياپونىيە بولسا بۇ ھەقتىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى راي سىناشلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە خەلقىنىڭ باش ۋەزىرنى قوللاش نىسبىتى بۇ قېتىملىق سۈركىلىشتىن كېيىن تېخىمۇ ئاشقان بولۇپ، %75 كە يەتكەن.