تاجىكىستاندا بىر ھەپتىدىكى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا بەش خىتاي ئۆلتۈرۈلدى

ئالدىنقى چارشەنبە تاجىكىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ خىتاي ئۆلتۈرۈلۈپ، بىر خىتاي يارىلانغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى خىتاي ئۆلتۈرۈلۈپ، بىر نەچچە خىتاي يارىلانغان.

تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، 26-نويابىر كەچتە تۆت خىتاي پۇقراسىنىڭ چېگرا رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۈچى ئۆلتۈرۈلۈپ، بىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. تاجىكىستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 30-نويابىر كەچتە يەنە بىر قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئىككى خىتاي ئۆلتۈرۈلۈپ، بىر نەچچە خىتاي يارىلانغان.

چارشەنبىدىكى قوراللىق ھۇجۇم تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسىغا جايلاشقان خاتلون ۋىلايىتىنىڭ شەمسىدىن شاھىن رايونىدا يۈز بەرگەن بولسا، يەكشەنبىدىكى قوراللىق ھۇجۇم ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان تاجىكىستاننىڭ گورنو ـ بەدەخشان ۋىلايىتى دارۋوز رايونىدا يۈز بەرگەن. چارشەنبە كۈنىدىكى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ نىشانى شاھىن SM چەكلىك شىركىتى ئىكەنلىكى، مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرى بولسا بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئالدىنقى ھەپتە ئارقىمۇ ئارقا ئىككى قېتىم قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، جەمئىي بەش خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلۈپ، بەش خىتاي پۇقراسى يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىمۇ ھەر ئىككى ھۇجۇمنى دەلىللىگەن ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى يۇقىرىقى رايونلارغا ھەرگىز بارماسلىققا چاقىرىش بىلەن بىرگە، چېگرا رايونىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىدىن چېگرا رايونىدىن جىددىي چېكىنىشنى تەلەپ قىلغان.

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ بۇ قانۇنسىز ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئارقىمۇ ئارقا يۈز بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 57 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2025 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق