
خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا بۇ ھەپتە ئىككى خەلقئارالىق يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، تەسىرىنى تېخىمۇ زورايتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-دېكابىر «9-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئەقىل ئامبىرى تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرى (CAREC)نىڭ ئەقىل ئامبىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن 150 كە يېقىن كىشى قاتناشقان.
مۇنبەردە يېشىل تۈرلەر ئاساسىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يېشىل بانكا، داۋاملىشىدىغان قەرز، خەلقئارالىق ياردەم قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، سىستېمىلاشتۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنغان.
خەۋەردە مەزكۇر مۇنبەرنى «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى»نىڭ روياپقا چىقارغانلىقى، بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرى مېخانىزمىنى بىلىم بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى بىردىنبىر ھۆكۈمەتلەر ئارا سەۋىيەسىدىكى خەلقئارالىق ئورگان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تەڭرىتاغ مۇنبىرى»مۇ 2-، 3-دېكابىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇنبەرنى ئوخشاشلا «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى» مەسئۇل بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدىكەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك ئالاقىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى، كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت سۇپىسى قۇرۇلۇپ، رايون ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقى، تەخمىنەن 300 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە.