
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا جايلاشقان ئاقچى ناھىيەسىدە بۈگۈن ئىنتايىن كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 6.0 بالغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي خەۋەر قىلىشىچە، 4-دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:44 دە ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.13 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.40 گىرادۇس) 6.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرىگەن جاي ئاقچى ناھىيەسى مەركىزىگە 21 كىلومېتىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە 70 كىلومېتىر، كەلپىن ناھىيەسىگە 89 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
خەۋەرلەردە ھازىرغا قەدەر ئۆلۈش-يارىلىنىش، ئۆي-ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈش، بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
ئاقچى ناھىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ يەر تەۋرەيدىغان رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر 2-ئايدىمۇ ئاقچى ناھىيەسىدە 5.3 بال يەر تەۋرىگەنىدى.
گەرچە بۈگۈنكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاھالىلەردىن يىراق رايوندا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئادىتى سەۋەبلىك، يەنىلا ئەندىشە قوزغالماقتا.