خىتاي مائارىپ مىنىستىرى ئۈرۈمچىدە يىغىن ئېچىپ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەكىتلىدى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە بىر قاتار چوڭ يىغىنلارنى ئېچىپ، ئاتالمىش «مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش»نى باش تېما قىلغان بولسىمۇ، ئاساسلىق نۇقتىلار يەنىلا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىگە، خىتاي ئاققۇنلىرىنى «ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش پىلانلىرىغا مەركەزلەشكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» ۋە «مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايون ۋە دىۋىزىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى» ئېچىلغان.

يىغىنغا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگان، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

خۇەي جىنپېڭ خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى، دىققەتنى «شاھمات كۆزى» ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكى، ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار»نى جەلپ قىلىش، توپلاشنى، «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىيازمۇ سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار»غا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئوخشاش كۈندە ئېچىلغان 2025-يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» ۋە دىۋىزىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنىدا خىتاي مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ يۇقىرىقى تېررور ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغاندىن سىرت، نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان ئاساسىي مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دىققەتنى ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقى»دىن ئىبارەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

گەرچە خىتاي مائارىپ مىنىستىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئاتالمىش «مائارىپقا ياردەم بېرىش»نى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان، خۇسۇسەن يالقۇن روزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مائارىپچىلار تۈركۈملەپ تۈرمىگە تاشلانغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى پەقەت ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش، مائارىپ ساھەسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، خىتاي ئاققۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 11 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2025 19:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق