تىرامپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار قانۇننى ئىمزالىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ تۈنۈگۈن ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

ئاقساراينىڭ ئالاقىدار باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ 2-دېكابىر «تەيۋەن كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى كۆرسەتمىسىنى قەرەللىك باھالاپ ۋە يېڭىلاپ تۇرىدىكەن، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ئالاقىسىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى ئورتاق سۇنغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 5-ئايدا ئاۋام پالاتاسىدا، 11-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان. نۆۋەتتە بولسا پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر قانۇننى «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشتىكى بىر زور قەدەملىك ئىلگىرىلەش» دەپ سۈپەتلىدى. خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بولسا ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ قانۇننىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەرقانداق دىپلوماتىك ئالاقىدە بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىدەك قېلىپلاشقان بايانلىرىنى تەكرارلىدى.

بۇ خەۋەر 12 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2025 19:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق