
خىتاي ئامېرىكا بىلەن رىقابىتىنى ھەربىي ساھەگىمۇ تېز سۈرئەتتە يۆتكىمەكتە. خىتاي دېڭىز كۈچلىرىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكيانغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان قويۇق جايلىشىشى ۋاشىنگتوننىڭ رايوندىكى ئۈستۈنلۈكىگە قارشى بىر ھەرىكەت دەپ باھالانماقتا.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىنى قوزغىتىشى مۇمكىن، دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرىدىن كېيىن خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كرىزىس يۈز بەرگەن دەۋرگە توغرا كەلدى.
خىتاي يەنە تەيۋەن پىرىزدېنتى لەي چىڭدېنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان ۋە خىتايغا قارشى مۇداپىئە قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان قوشۇمچە 40 مىليارد دوللارلىق ھەربىي خامچوت پىلانىغا قاتتىق قارشى چىقتى ۋە ھەر دائىمقى سەپسەتىسى بىلەن تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سالدى.
رايوندىكى تۆت بىخەتەرلىك مەنبەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلارنىڭ ھەم سېرىق دېڭىزنىڭ جەنۇبى، ھەم شەرقىي خىتاي دېڭىزى ھەم جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدا، شۇنداقلا تىنچ ئوكيانغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان رايونلاردا زىچ ئورۇنلاشقانلىقى كۆرسىتىلدى.
ھۆججەتلەردە بۈگۈن سەھەردە رايوندا 90 دىن ئارتۇق خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ بارلىقى خاتىرىلەندى. مەنبەلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكى كەڭ كۆلەملىك دېڭىز ھەرىكەتلىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بىر مەنبەنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بەزى خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرى رايوندا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قارشى تەقلىد خاراكتېرلىك ھۇجۇم مەشىقى قىلغان.
خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىنىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىكنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنغان ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جىيەن ياپونىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى، توكيونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىزاھات بېرىشكە قەرزدار ئىكەنلىكىنى، تاكائىچىنىڭ 1972-يىلدىكى ياپونىيە-خىتاي ئورتاق خىتابنامىسىگە ئىشارەت قىلىپ ۋە ياپونىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكرارلاش ئارقىلىق مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھالدا جاۋاب بەرگەنلىكىنى چالۋاقاپ: «خىتاي بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر