
ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىشى ۋە خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن زور دەرىجىدە پايدىلىنىشى سەۋەبلىك، ئۆتكەن تۆت يىلدا قازاقىستاننىڭ ئىمپورت مەنبەسىدە رۇسىيەنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تۆۋەنلەپ، ئورنىنى خىتاي ئىگىلەشكە باشلىغان.
قازاقىستان خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 2025-يىلى تۇنجى قېتىم قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي ئىمپورتىدا رۇسىيە بىلەن تەڭ نىسبەتنى، يەنى تەخمىنەن %29 نى ئىگىلىگەن.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى رۇسىيە قازاقىستان ئىمپورتىنىڭ %43 نى ئىگىلىگەن. ئەمما 2025-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا كەلگەندە، بۇ نىسبەت %29 كە چۈشۈپ قالغان. گەرچە رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا قارىتا ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكى 17 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن 18 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستاننىڭ ئىمپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. ئىمپورت نىسبىتى رايونغا قاراپ پەرقلىنىدىغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلاردا رۇسىيە تاۋارلىرىنىڭ نىسبىتى يەنىلا %50 تىن يۇقىرى بولغان.
قازاقىستاننىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىشى ئالدىنقى تۆت يىلدا داۋاملىق ئېشىپ ماڭغان بولۇپ، 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە خىتاينىڭ قازاقىستانغا قارىتا ئېكسپورتى 8 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن 15 مىليارد 300 مىليون دوللارغا ئۆرلەپ، 86 پىرسەنت ئاشقان. 2025-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا يەنە %23 ئېشىپ، 8 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئالمۇتا رايونىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق قازاقىستانغا كىرىدىكەن، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىدىكەن. مەۋجۇت تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سانائەت تەقسىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىمالىي سانائەت رايونلىرىدا، خىتاي تاۋارلىرىغا تايىنىشنىڭ ئېشىشى نىسبەتەن ئاستا بولغان.
خەۋەردە خىتاي تاۋارلىرىنىڭ تەننەرخ ۋە ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكى، بازار ئۈلۈشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش بوشلۇقى بارلىقى، رۇسىيەنىڭ بولسا گېئوپولىتىكىلىق ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، قازاقىستاننىڭ ئىمپورت ساھەسىنىڭ رەسمىي ھالدا كۆپ قۇتۇپلۇق دەۋرگە كىرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى زور مىقداردا كۆپەيتىپ، كېڭەيتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى توسالغۇسىز ھالدا ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توشۇلماقتا.