
تۈركىيە تىل-يېزىق ئورگىنى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىشىشىدا «خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» 4-5-دېكابىر كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركشۇناسلىق دۇنياسىنىڭ يېتەكچى ئالىملىرىنى بىر سۇپىغا يىغقان بۇ يىغىن ئارقىلىق قەدىمكى تۈرك تىلى مىراسى كەڭ كۆلەمدە تەھلىل قىلىندى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئىرفان ئالبايراق ۋە تۈرك تىل ئورگىنىنىڭ رەھبىرى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

پىروفېسسور ئىرفان ئالبايراق فاكۇلتېتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتنىڭ سىمۋوللۇق قىممىتىنى تىلغا ئېلىپ، تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي مىراسى ۋە مەدەنىيەت ئىزچىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، تۈرك تىلىنىڭ پەرقلىق رايونلاردىكى ئىزلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن تەتقىق قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.
تۈرك تىل ئورگىنى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت بولسا، قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ پەقەتلا تارىخىي بىر دەۋر ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە ئورخۇندىن ئۇيغۇر ۋە قاراخانىيلار قوليازمىلىرىغىچە سوزۇلغان باي تىل مىراسىنىڭ تۈرك تەپەككۇر دۇنياسىنىڭ ئۇل تاشلىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياش تەتقىقاتچىلارنى بۇ مىراسنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا چاقىردى.

ئېچىلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوغۇز داستانى» ۋە خاكاسىيەنىڭ تېپسېي تېغىدىكى غاردىن تېپىلغان قەدىمكى تۈرك يازمىسى ھەققىدە ئىككى مۇھىم دوكلات تەقدىم قىلىندى.
تۇنجى كۈنىدىكى يىغىنلاردا «قۇتادغۇبىلىك»، ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكى يازمىلار، قەدىمكى تۈرك تىلى قانۇن ھۆججەتلىرى، كۆك تۈركچىنىڭ سۆز-لۇغەت ئالاھىدىلىكلىرى، قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سان ناملىرى، تۈرك خاقانلىقى پۈتۈكلىرى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنداقلا، تېكىست ئايلاندۇرۇشتا سەل قارالغان مەدەنىيەت كودلىرى ۋە قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سېمانتىكىلىق ياساش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن تىلشۇناسلار قاتناشقان يىغىنغا، تۈرك شېۋىلىرى ۋە تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ زور قىزىقىش بىلەن قاتناشتى.


