
ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»دە «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش»تا خىتاي كادىرلىرىنىڭ كەنتتە تۇرۇش مېخانىزمنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلگەنگەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئالغا سىلجىتىش ھەققىدە خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن سىگنال تارقىتىلغانلىقى، بۇنىڭ ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم قوللانما» ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
خەۋەردە يېقىنقى يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق، كەنتتە تۇرۇشلۇق تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى سېپى»نى قوغدىغانلىقى، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغاندىن سىرت، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىنىڭ يەنىلا يېزىلاردا ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش»تىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەكلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى، ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سېلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، نازارەت قىلىش قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىدە يېزا-كەنتلەردە ئۆيمۇ ئۆي نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن جىنايەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنى ئارقىلىق، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر تۈرى بولغان بۇ جىنايەتنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.