
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسخانىلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىدىن قوغداشقا ئالاقىدار ئۈچ قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۈچ قانۇن لايىھەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان نازارەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، كوممۇنىستىك تەربىيەنى يوقىتىش قانۇنى»، «مەكتەپ سىستېمىسىدىكى دىكتاتورلارنىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىغا زەربە بېرىش قانۇنى» ۋە «رەقىبلەرنىڭ مائارىپقا ئىئانە قىلىش دوكلاتىنىڭ ئاشكارىلىقى قانۇنى» قاتارلىقلار ئىكەن.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بىرىنچى قانۇن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن فوند قوبۇل قىلغان ھەر قانداق مەكتەپكە فېدېراتىپ مائارىپ فوندى بېرىش بېرىشنى چەكلەش ئارقىلىق، چەت ئەللەرنىڭ قول تىقىشىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئىككىنچى قانۇن مەكتەپلەرنىڭ فېدېراتىپ مائارىپ فوندىنى ئېلىش شەرتى سۈپىتىدە، بەلگىلىك مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن چەت ئەل مەبلىغىنىڭ مەنبەسىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۈچىنچى قانۇن بولسا ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ ئاممىۋى مەكتەپلىرىدىكى چەت ئەل تەسىرىنى بىلىش ھوقۇقى تەمىنلەيدىكەن.
قانۇن لايىھەلىرىنى سۇنغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ قانۇن لايىھەسى ئورتاق ھالدا ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى كۈچەيتىپ، رەقىبلەرنىڭ فوندىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسىدىكەن ۋە بالىلار باغچىسىدىن 12-سىنىپقىچە بولغان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىكەن.
ئاۋام پالاتاسى مائارىپ ۋە ئەمگەك كۈچى كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر تىزىملىكتە خىتاي رېجىمىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «كۇڭزى دەرسخانىلىرى» ئامېرىكىدىكى 500 دىن ئارتۇق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپكە سىڭىپ كىرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە شۇنداقلا «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى»، «كۇڭزى دەرسخانىلىرى»نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەشكىللىگەن يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە پەقەت ئاكادېمىك بىخەتەرلىك خەۋپىلا ئەمەس، بەلكى گېئوپولىتىكىلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىمۇ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر سۇنغان مەزكۇر ئۈچ قانۇن لايىھەسىنى 30 دىن ئارتۇق دېموكراتچى قوللىغان بولسىمۇ، 160 تىن ئارتۇق دېموكراتچى قارشى ئاۋاز بەرگەن. ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن، كېيىكى قەدەمدە ئوخشاش نۇسخىدا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ۋە پىرېزىدېنت تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى كېرەك ئىكەن.