خىتاي ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان مەخپىي ھالدا رۇسىيەدىن قورال-ياراغ سېتىۋالغان

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ئىزچىل رۇسىيەنى ئاسترىتتىن قوللاپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ مەخپىي تەرىقىدە رۇسىيەدىن قورال-ياراغ سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇكرائىنانىڭ «كىيىۋ مۇستەقىل گېزىتى»نىڭ رۇسىيە ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي 2022-يىلىدىن بۇيان مەخپىي ھالدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

مەزكۇر ھۆججەتلەردە  2022-يىلى ئاپرېل ئېيىدا خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى ئۈچۈن بىر يۈرۈش قورال-ياراغ ۋە بىرونېۋىك سېتىۋېلىش تەلىپى سۇنغانلىقى، ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتىپ ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ روسوبورونېكسپورت شىركىتىنى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھاۋادىن تاشلىغىلى بولىدىغان رۇسىيە ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرىنى كۆرسىتىشنى بۇيرۇغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر شىركەت رۇسىيەنىڭ بارلىق قورال-ياراغ ئېكسپورتىغا مەسئۇل دۆلەت كارخانىسى ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2023-يىلى 4-ئايدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋاغا بارغان. مەزكۇر يىغىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆپ قېتىم داۋاملاشقان خىتاي-رۇسىيە ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تۈرلۈك ھەربىي كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

بۇ كېلىشىملەر ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئېمبارگولارغا دۇچ كەلگەن قورال-ياراغ شىركەتلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولسا، تەيۋەنگە بارغانسېرى ھەربىي تەھدىتىنى كۈچەيتىۋاتقان خىتاي ئۆز ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش كۈچىنى زورايتىشقا كېرەكلىك قورال-ياراغ ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر خىتاينىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىقى بولمىغان بولسا، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرغىچە ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىلادىسلاۋ ۋىلاسىيۇكمۇ رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم زاپچاسلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەخمىنەن %60 ىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گەرچە خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ پوزىتسىيەنى ساقلايدىغانلىقىنى، مەسىلىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ رۇسىيەدىن قورال-ياراغ سېتىۋېلىشى، باشقا قورال-ياراغ ۋە تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىشى، رۇسىيەنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈپ بېرىشى قاتارلىق مەخپىي مۇناسىۋەتلەر توختىماي ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 151 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2025 20:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق