
ئالدىنقى ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون زىيارەتتىن بىر نەچچە كۈن كېيىنلا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي سودا پاسسىپ بالانسىنى ئازايتمىغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ماكرون 7-دېكابىر فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ سانائەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش مودېلىنىڭ يادروسىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپانىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بولسا ئىستانوك ۋە ئاپتوموبىل سانائىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماكرون تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا قورۇقچىلىقى سىياسىتى سەۋەبلىك، زور تۈركۈمدىكى خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپانىڭ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بۇ ياۋروپا سانائىتىگە نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماكرون يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئورتاق سەپ ھاسىل قىلىشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى، چۈنكى گېرمانىيەنىڭ خىتايدا چوڭقۇر مەنپەئەتى بارلىقىنى، بۇ جەھەتتە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بولالمايۋاتقانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.
ماكرون ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان پاسسىپ بالانسىنى ئازايتىشى ئۈچۈن، چوقۇم خىتاينىڭ مەبلەغلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، داۋاملىق خىتايدىن ئىمپورت قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چوقۇم ياۋروپاغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.