
جەنۇبىي كورېيە خىتاينىڭ ئىككى ۋە رۇسىيەنىڭ يەتتە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ چىقىشى سەۋەبلىك، بۇنى توسۇش مەقسىتىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قوزغاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى خىتاينىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە رۇسىيەنىڭ يەتتە ئايروپىلانىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-دېكابىر سائەت 10:00 ئەتراپىدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي سۇ تەۋەلىكىدە ئارقا-ئارقىدىن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكىنى، كورېيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى قوزغاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى «يوشۇرۇن ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقە» دەپ ئاتىغان.
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى ھېچقانداق ئايروپىلاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقىنى بۇزمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باش قوماندانلىق ئىشتابى ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرىشتىن ئىلگىرى بايقالغانلىقىنى ھەمدە ۋەقە جەريانىدا رادار ۋە باشقا سىستېمىلار ئارقىلىق نازارەت قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باش قوماندانلىق ئىشتابى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ۋە رۇسىيەگە تەۋە ئايروپىلانلار رايوندىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن بىر سائەت ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا قايتا-قايتا كىرىپ چىققان.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇشلار كورېيە يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا تەكرارلىنىدىغان ھەرىكەتكە ئايلانغان بولۇپ، 2019-يىلىدىن بۇيان خىتاي ۋە رۇسىيە جەنۇبىي كورېيەگە ئالدىن خەۋەر بەرمەستىن، يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرىپ، ئورتاق ياكى ماسلاشتۇرۇلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرىنى ئىجرا قىلماقتا. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەڭ يېڭى ۋەقە 2024-يىلى نويابىردا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ 11 ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى دوكدو خادا تاشلىرىغا قاراپ بىرلىكتە رايونغا كىرىشى بىلەن يۈز بەرگەنىدى.
خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ماسلاشتۇرۇلغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە ھەرىكەتلىرى ئالياسكا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ يېقىن ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رايونلاردىمۇ بايقالغان. 2024-يىلى ئىيۇلدا ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ئورتاق قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئالياسكا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ئىچىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى توسقانىدى.
6-دېكابىر بولسا ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئوكىناۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز رايونىدىكى ئىككى ئايرىم ئۇچرىشىش جەريانىدا ھۇجۇم كونترول رادارلىرى ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ F-15J تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە خىتاينىڭ بۇ خەتەرلىك زومىگەرلىكى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر