ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار باياناتى خىتاينى بىئارام قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئورگان تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ  قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بايانلار خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى ۋە نارازىلىق بىلدۈردى.

مەزكۇر باياناتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ تەرەپلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك رامكىلار بويىچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرگە قاراتقان ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قويغان سىستېمىلىق چەكلىمىلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قىسمىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىشەنچلىك دوكلاتلاردا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىروگراممىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تىبەتكە ئالاقىدار بايانلاردا بولسا دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىشى ۋە مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، تىبەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتايچە مائارىپقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تىبەت تىل-يېزىقىنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق جىنايەتلەر كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى باياناتىدا يەنە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار، ئادۋوكاتلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئاساسىي ھوقۇقلارنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خىتايدىن پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئىلھام توختى قاتارلىق تۇتقۇندىكى كۆپلىگەن شەخسلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە تۆھمەت چاپلىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى، بۇ باياناتقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىبارىلىرىنى تەكرارلاپ بىلجىرلىدى.

بۇ خەۋەر 74 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2025 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق