
10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى فاتىھ رايونىغا جايلاشقان باش مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قاتاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.
مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن، سۇدان... قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشغالىيەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تۈرلۈك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئۇ پۈتۈن دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەنچىلىكىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەزلۇم خەلقلەرنىڭ ئۇنتۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى، خۇسۇسەن تۈركىيە سىياسىي سەھنىلەردە ۋە تاراتقۇ ساھەلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
باشقا سۆز قىلغۇچىلارمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مەزلۇم خەلقلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇشىنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ئوخشاش كۈندە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قاتارلىق 20 تەشكىلات ۋە ئورگاننىڭ ھەمكارلىقىدا، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، دۆلەت ئەربابلىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىپ، ئورتاق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
10-دېكابىر گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدىمۇ ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا خىتاي دېموكراتچىلىرى قاتناشتى ۋە خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى.