خىتاي ئاققۇنلىرى ھەقسىز ئۆي قاتارلىق تەمىناتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا چاقىرىلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ ئېقىپ كىرىشى قىلچە توختاپ باقمىغان بولۇپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بۇ جىنايەت يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان بىر قىسىم سىنلار خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئالاھىدە تەمىناتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەش ھەرىكەتلىرىنىڭ، تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلغان بىر خىتاي: «ئەگەر شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالسىڭىز ئۆي، 40 مو يەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئىككى يىل 36 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە بەش خىل سۇغۇرتىسى تەمىنلىنىدۇ، پەرزەنتىڭىز يەسلىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇيدۇ، ھەقسىز تاماق يەيدۇ، ھەر يىلى يەنە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ» دېگەن تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خىلدىكى سىنلار ئىلگىرىمۇ پات-پات تارقىلىپ تۇرغان بولۇپ، يېزىلاردا ئولتۇراقلىشىدىغانلارغا يەنە ھەقسىز مۇنبەت يەر تەمىنلىنىدىغانلىقى، باج كۆتۈرۈۋېتىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىمتىيازلارمۇ تەشۋىق قىلىنغانىدى. بۇلارغا ماس ھالدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، تۈرلۈك مۇكاپاتلار بىلەن تەشۋىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرمۇ داۋاملىق ئېغىرلاشماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىكى مۇھىم نىشانلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىش، تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا قاماش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش، خىتاي ئاققۇنلىرىنى تۈركۈملەپ يۆتكەپ كېلىش، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا.

بۇ خەۋەر 60 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2025 19:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق