
مېكسىكا پارلامېنتى 10-دېكابىر خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا %50 گىچە تاموژنا بېجى قويۇش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇ ھەرىكەت مېكسىكىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەم، دەپ قارالماقتا.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مېكسىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ۋە مېكسىكا بىلەن سودا كېلىشىمى بولمىغان باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجى قانۇنى لايىھەسىنى ماقۇللىغان. شۇ كۈنى كەچتە مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېز سۈرئەتتە ئاۋازغا قويغان ۋە ئاخىرىدا 76 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 5 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى، 35 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللىغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى پىرېزىدېنت كىلاۋدىيا سېينباۋم سېنتەبىر ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى پالاتادا ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويىدىغانلىقى ۋە بۇ قانۇننىڭ يانۋار ئېيىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇنداقتىمۇ پىرېزىدېنت سېينباۋم بۇ تاموژنا بېجى قانۇننىڭ ئامېرىكىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ مېكسىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېكسىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان زور سودا پەرقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتلار ماشىنا زاپچاسلىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازلىرى، پىلاستىك، پولات ۋە ئاليۇمىن قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك تاۋارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مېكسىكىغا نىسبەتەن خىتاي ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر خىتاينىڭ مېكسىكىغا قىلغان ئېكسپورتى 130 مىليارد دوللارغا يەتكەن. گەرچە يېڭى تاموژنا بېجى قانۇن لايىھەسى كورېيە، تايلاند ۋە ھىندىستان قاتارلىق مېكسىكا بىلەن سودا كېلىشىمى بولمىغان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا خىتاي بولىدىكەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىكى 11-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاموژنا بېجىنىڭ خىتاي ۋە مېكسىكىنىڭ باشقا سودا شېرىكلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چوڭ زىيان سالىدىغانلىقىنى، مېكسىكىنى بۇ يەككە تەرەپلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقى قارارىنى تېزدىن تۈزىتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.