شەرقىي تۈركىستاندا غايەت زور بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇش خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش كۈچىنى چۇڭچىڭغا كىرگۈزۈش» پىلانىدىكى «خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى-ئەلىبابا بۇلۇت ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى تۈرى»نىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغان بولۇپ،  8-دېكابىر مەزكۇر تۈرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە چۇڭچىڭنىڭ ماشىنىلىرىنى ئىككىنچى تۈركۈم تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى قۇمۇلنىڭ ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ كۆلىمى 185 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. پىلانغا ئاساسەن كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەرلەردە مەزكۇر غايەت زور كۆلەمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى ئارقىلىق، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچىگە بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىدىن، تەننەرخىنىڭ ئەرزان بولۇشىدەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا قىلچە بوشاشتۇرۇلماي ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش، بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش، ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلار، ئەسلىھەلەر، جۈملىدىن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن بۇنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستانغا غايەت زور ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇشمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش يوليورۇقلىرى، تەشۋىقاتلىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولماقتا.

بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق غايەت زور بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، ئەلىبابا گۇرۇھى قاتارلىق كۆپلىگەن تېخنىكا ماگناتلىرىنى خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق بولۇش، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەيىبلەشلىرىنىڭ كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 132 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2025 23:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق