بەش دۆلەت ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە ئىتتىپاق قۇردى

خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللىقى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىش قىلمىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق بەش دۆلەت 12-دېكابىر بىرلىكتە سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن مۇھىم بولغان كىرېمنىي قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى قوغداش ئۈچۈن «كىرېمنىي تىنچلىق خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتابنامىنىڭ مۇھىم مىنېرال ماددىلار ۋە ئېنېرگىيە كىرگۈزۈش، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق بارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەر، گۈللەنگەن ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئاساسلانغان كرېمنىي تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

باياناتتا مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ يېڭى تىپتىكى خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ھەمكارلىق ئىكەنلىكى، دۆلەتلەرنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ يېڭى دەۋرىنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا خىتاي تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كرېمنىي ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، نادىر يەر ئېلىمىنتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساسەن دېگۈدەك مونوپول قىلغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. شۇنداقلا خىتاي خەلقئارا سودا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ مۇھىم نادىر يەر ئېلىمىنتلىرىنى كوزىر قىلىپ ئىشلەتمەكتە ۋە ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭغا قارىتا ئېكسپورتنى قاتتىق كونترول قىلىشنى جاكارلىدى.

باياناتتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئېنىق ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكى، «بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك تەمىنلەش زەنجىرى، ئىشەنچلىك تېخنىكىلار ۋە چىداملىق ئۇل ئەسلىھەلەر دۆلەت كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

باياناتتا بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادىي باشقۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلاش، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش، ئەركىن كارخانا ۋە ئىقتىسادنىڭ كۈچى ئارقىلىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك يارىتىش چاقىرىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى ئېيتىلدى ۋە كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، دەسلەپكى ئالتە ئىمزا قويغۇچىنىڭ تۆتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن. ئىمزا قويغان ئالتە دۆلەتتىن باشقا، تۇنجى قېتىملىق كرېمنىي تىنچلىق يىغىنىغا گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم شىركەتلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 98 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2025 23:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق