خىتاي ئەمەلدارلىرىغا زەربە بېرىدىغان قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

 ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىندا «2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېلەر ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىغا يوللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. قانۇن لايىھىسىنىڭ بىر ماددىسىدىكى «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بايلىقى توغرىسىدىكى دوكلات»مۇ دىققەتنى تارتماقتا.

ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، 2026-يىللىق قانۇن لايىھەسىدە خىتايغا قارشى نۇرغۇن تەدبىرلەر بار ئىكەن. «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بايلىقى توغرىسىدىكى دوكلات»قا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولسا مەزكۇر قانۇن لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە، دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئۇرۇش مىنىستىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنىڭ بايلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىغا تاپشۇرۇش قاتارلىقلار ئىكەن.

تەكشۈرۈش دائىرىسى بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى، كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قانۇن لايىھىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان رەھبەرلەرنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە ياكى كونتروللۇقىدىكى ماددىي ۋە پۇل-مۇئامىلە مۈلۈكلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئاشكارىلاش، ئۇلارنىڭ بايلىقىنىڭ مەنبەسىنى، جۈملىدىن خىتاي سىرتىدىكى رايونلاردا ساقلانغان سودا مۈلكى، مەبلەغلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ھېساباتلىرىنى ئېنىقلاش، بۇ خىل بايلىق ۋە مۈلۈكلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پۇل-مۇئامىلە ۋاكالەتچىلىرى، سودا شېرىكلىرى ياكى باشقا كونترول قىلىنىدىغان ئورگانلارنى ئېنىقلاش ۋە بۇ بايلىقنىڭ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە دۇنياۋى تەسىرنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇن لايىھىسىدە بۇ دوكلاتنىڭ مەخپىي بولمىغان تەرىقىدە ئېلان قىلىنىشى ۋە سۇنۇلىشى كېرەكلىكى، ئەمما زۆرۈر بولسا، پارلامېنتنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىغا سۇنۇلغان نۇسخىسىنىڭ قوشۇمچە مەخپىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مال-مۈلكىنى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى چەت ئەلگە يوللاش ھەرىكەتلىرى ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدا ھەممىگە مەلۇملۇق بىر ئىش بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تولۇق ماقۇللانسا خىتاينىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 137 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2025 00:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق