
تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتىدە 10-دېكابىردىن 13-دېكابىرغىچە تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) بالىكەسىر ياشلار شۆبىسى، ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتى ۋە پەيغەمبەر ئاشىقلىرى جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ۋە بۇنىڭغا قارشى قىلىشقا تېگىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەسلىتىش مەقسىتىدە تۆت كۈنلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
10-دېكابىر باشلانغان پائالىيەتلەر شەنبە كۈنى تاراتقۇلار بىلەن ناشتىلىق، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە كەچلىك نامايىش يۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
پائالىيەتتە 13-دېكابىر IHH بالىكەسىر ياشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئوپچە ناشتىلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى كۈچلۈك تىلغا ئېلىندى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، بىرلىك گېزىتى، ILKA قاتارلىق يەرلىك تاراتقۇلار قاتناشقان پائالىيەتتە ئاخبارات باياناتىنى IHH بالىكەسىر ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى ئەلى قاراتاش ئوقۇدى. قاراتاشنىڭ باياناتى جەريانىدا ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تۈركچە بۆلۈم مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزاسى ھەبىبۇللاھ تەجەللى ھەمراھ بولدى.
ئاخبارات باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكى، بەلكى ئوچۇق-ئاشكارا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن سۆزىنى باشلىغان قاراتاش: «بۈگۈن بىز دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زور بىر زۇلۇمغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەرگىز ئىچكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىنى ئازاپلايدىغان ئېنىق بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دېدى.
قاراتاش سۆزىنىڭ داۋامىدا: «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار كىملىكىدىن، ئېتىقادىدىن، تىلىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلغان كىشىلەر ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، بالىلار ئانىسىز، دادىسىز چوڭ بولماقتا. مەسچىتلەر تاقالماقتا، ئىبادەت قىلىش چەكلىنىپ، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى سىستېمىلىق شەكىلدە يوقىتىلماقتا» دەپ خىتاپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ زۇلۇمغا ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى، سۈكۈت قىلىشنىڭ خىتايغا جاسارەت بېرىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق سىنىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىغا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا چاقىرىق قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى كونكرېت قەدەم تاشلىنىشى، جازا لاگېرلىرىنىڭ دەرھال تاقىلىشى، ئېتىقاد ۋە ياشاش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى شەرت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئەلى قاراتاشنىڭ سۆزىدىن كېيىن، ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستاندا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت سۆزىدە يەر شارى خاراكتېرلىك تەشۋىقات ۋە ئالدامچىلىق مېخانىزمى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان بېسىملىرى پەقەت زۇلۇم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن يەر شارى مىقياسىدا ساختا تەشۋىقات، پارىخورلۇق ۋە كۆز بويامچىلىق تورى قۇرغانلىقىنى، بۇ تورنىڭ مەقسىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى «كەسپىي تەلىم-تەربىيە»، «تەرەققىيات» ياكى «بىخەتەرلىك» دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن زىننەتلەپ، «ئۇيغۇرلار خۇشال»، «رايوندا زۇلۇم يوق» دېگەندەك كۆرۈنۈش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا بەزى ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان پۇلغا سېتىلغان قەلەملەرگە ئايلانغانلىقىنى ۋە خىتاي قۇرغان يەر شارى خاراكتېرلىك يالغان ئۇچۇر تارقىتىش مېخانىزمغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنى ئەينەن جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.











