مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى

 

15-دېكابىر «خەلقئارا تۈرك تىلى ئائىلىسى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىكىر تەربىيەسى كۇلۇبى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ ياشلار بۆلۈمى قاتارلىق تەشكىلات، گۇرۇپپىلار ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەتكە يەنە تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوكتور ئەنەس ئەمىنئوغلىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

پائالىيەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار جەم بولۇپ، ئۆز كۈلتۈرىنى، تىل-يېزىقىنى ۋە تۈرلۈك ئەنئەنىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيە دۇنياسىنىڭ مول، رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى نامايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ياشلار بۆلۈمى ئەزالىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى، نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك كۈلتۈرىنى، تىل-يېزىقىنى تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئەدىبلەرنىڭ ۋەكىللىك شېئىر، نەسرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.

 

 

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2025 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق