
يۇنېسكو تەرىپىدىن تۈرك تىللىرىنىڭ «ئالەمشۇمۇل ئىنسانىي قىممەت» سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان 15-دېكابىر «خەلقئارا تۈرك تىلى ئائىلىسى بايرىمى» تۈرك تىل ئورگىنى (TDK) نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئەنقەرەدە داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.

يۇنېسكونىڭ 2025-يىلى 3-نويابىردىكى 43-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا تۈرك تىللىرى «قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسى» دەپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ تارىخىي قاراردىن كېيىن، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن تۈرك تىل ئورگىنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت؛ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئاتاقلىق ئالىملار ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن دىپلوماتىك ۋەكىللەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوكتور سەردار چام تۈرك تىلىنىڭ بۈيۈك بىر مەدەنىيەت كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەنقەرەدە ياندۇرۇلغان بۇ مەشئەلنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت جىپسىلىقىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەشھۇر تۈركشۇناس پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي ئىزچىللىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ تۈركچىنىڭ «بايانچور يازمىلىرىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا قەغەزگە يېزىلغان مىڭلىغان ھۆججەتلەر بىلەن 8-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە ئۈزۈلمەي داۋام قىلغانلىقىنى» ئالاھىدە قەيت قىلدى.
ئەرجىلاسۇن يەنە، تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەنلا قۇرئان كەرىمنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىدە «ئاللاھ» سۆزىنىڭ «تەڭرى» دەپ ئېلىنغانلىقىنى مىسال قىلىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنىڭ تۈرك تىلىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى كۈچلۈك ساقلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئىراندا تەخمىنەن 40 مىليون تۈرك نوپۇسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران تۈركلەرنىڭ پەقەت كۆچمەن جەمئىيەت ئەمەسلىكىنى، ئورخۇن يازمىلىرىنىڭ تۈركلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان ۋە يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «مەدەنىيەت يېزىق بىلەن باشلىنىدۇ، بىزنىڭ يېزىق تىلى تارىخىمىز ئىسلام دىنىدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرگە تۇتىشىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە: «قاراخانلىقچە» ياكى «ئۇيغۇرچە» دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا، ئوسمانلىي ۋە مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدىكىگە ئوخشاش تىلىمىزنىڭ نامىنى ھەمىشە «تۈركچە» دەپ ئاتاشنىڭ مىللىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئۆنەر بولسا، تۈرك دۇنياسىنىڭ 160 مىليونلۇق مۇستەقىل كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياشلارنى غەربنىڭ مودا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بۈيۈك داستانلىرى ۋە مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
پائالىيەتتىن بىر كۈن كېيىن، 16-دېكابىردا «2025-يىللىق تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي تۈركچىنى «مىللەتنىڭ ۋىجدانى ۋە يۈرىكى» دەپ ئاتىدى. مىنىستىر ئەرسوي تۈرك تىلىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىيدىن - ئەلىشىر ناۋائىيغىچە بولغان بۈيۈك ئالىملارنىڭ مىراسى بىلەن بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، تۈرك تىل ئورگىنىنىڭ بۇ جەرياندىكى تارىخىي رولىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت 15-دېكابىرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا بايرام كەيپىياتىدا تەبرىكلىنىشى ئۈمىدى بىلەن ئاخىرلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

