
مۇتەپەككۇر، مۇجاھىد، تارىخچى، شائىر، دۆلەت ئەربابى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇمنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 17-دېكابىر ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى فارابىي تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاكادېمىكلارنى جەم قىلدى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن فارابىي تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ قاراقاش، ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور ئەھمەد جەۋات ئاجار، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بۇغرا ئاكادېمىيەسى رەئىسى مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى قاتارلىق بىر تۈركۈم شەخسلەر سالام سۆزى قىلدى. مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۆت بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ باشلاندى.
1-بۆلۈمدىكى تېمىلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈرەشلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، دوكتور ھارۇن تېكىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھامىت كۆكتۈرك «شاھىتلار تىلىدىن خوتەن ئىنقىلابى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا» تېمىسىدا، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى «ياپونىيە ھەربىي ئارخىپلىرىدىكى مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا ئائىت ئۇچۇرلار» تېمىسىدا، دوكتور ئەسئەت سۇلايمان «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۈرەش ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخىرقى بەش يىل» تېمىسىدا، سەبىنە مەشۇروۋا «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا» تېمىسىدا ماقالە سۇندى.
2-بۆلۈمدىكى تېمىلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۈرەشلىرى توغرۇلۇق بولۇپ، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، دوتسېنت دوكتور تەكىن تۇنجەر «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ۋەتەندىن مەجبۇرىي كۆچۈش - ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش» تېمىسىدا، پىروفېسسور، دوكتور ئەركىن ئەمەت «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرى» تېمىسىدا، مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرىي «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاممىۋى دىپلوماتىيە - مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەرىكىتى» تېمىسىدا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد قۇمتۇر «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ دەۋا ھەمراھى ئامىنە بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى» تېمىسىدا، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدىكى باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۆھپىسى» تېمىسىدا توختالدى.
3-بۆلۈم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرى ھەققىدە بولۇپ، دوكتور ئەلى دېمىرئوغلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مۇيەسسەر ئەمىنھاجى «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا نەزىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيە ئاساسلىرى» تېمىسىدا، ئىبراھىم كاشغەرىي «ھازىرقى زامان تۈرك مەپكۇرىسىگە ئاساسەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادىكى تەرەققىيپەرۋەرلىك قارىشى» تېمىسىدا، ئەلىف ئالتۇن «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتەن، مىللەت ۋە مۇستەقىللىق» تېمىسىدا، ھەمىيەت ئۆزەر «شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئاڭ يېتىلدۈرۈش يولىدىكى نەشرىي ئەپكار: ئەرك گېزىتى ۋە ئۇنىڭ 1949-يىللىق سانلىرىنىڭ تېماتىكىلىق ئانالىزى» تېمىسىدا ئىزدىنىشلىرىنى سۇندى.
4-بۆلۈم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىزلىرى ۋە مەنىۋى مىراسلىرى توغرىسىدا بولۇپ، دوكتور تەسنىم مۇھەممەد ھەرب «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناملىق ئەسىرى ۋە مىسىر-ئەرەب ئەللىرىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تونۇلۇشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولى» تېمىسىدا، پىروفېسسور، دوكتور ئەھمەد ئابدۇقادىر شازىلىي «تۈركلەرنىڭ يىپەك يولىدا مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىكى رولى» تېمىسىدا، دوكتور ئەھمەد جامال «پىروفېسسور، دوكتور مۇھەممەد ھەربنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى» تېمىسىدا، دوكتور دوغان شەنگۈل «ھازىرقى دەۋردە مىراسلارنى قوغداش ۋە يەتكۈزۈش: تۈر باشقۇرۇش ۋە سودا ئانالىزىدىن بىر لايىھە» تېمىسىدا ماقالە سۇندى.
تولۇق بىر كۈن داۋاملاشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالە سۇنغۇچىلار مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۆپ قىرلىق ئىقتىدارى، تۈرلۈك ساھەلەردىكى مول ئىلمىي ئەمگەكلىرى، مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدىكى كۈچلۈك تەسىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئاخىردا سۆز قىلغۇچىلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىنغاندىن سىرت، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغىمۇ مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاتىرە بۇيۇملىرى ھەدىيە قىلىندى.










