
ئالما شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتاي سىرتىغا يۆتكەش ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە دىققەت تارتىدىغان بىر قەدەم تاشلاشقا تەييارلانماقتا.
ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى ئايفون ئۆزەكلىرىنى قاپلاش ۋە قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستاندىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئالاقە ئورناتقان.
بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلەر مۇرۇگاپا گۇرۇھى قارمىقىدىكى «CG Semi» شىركىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قەدەم ئالما شىركىتىنىڭ ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا ئۆزەك قاپلاش، قۇراشتۇرۇش جەريانلىرىنى باھالىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خەۋەردە «CG Semi» شىركىتىنىڭ گۇجارات ئىشتاتىدا بىر قاپلاش، قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇۋاتقانلىق ئۇچۇرى ھەمبەھرىلەنگەن. نۆۋەتتە قايسى ئۆزەكلەرنىڭ بۇ زاۋۇتتا قۇراشتۇرۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئاساسلىقى ئېكرانغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزەكلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋەرنىڭ مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەنلىكىنى ئىلاۋە ئالغان. ئالما ۋە «CG Semi» شىركىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە رەسمىي بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، «CG Semi» شىركىتى گېزىتكە بەرگەن جاۋابىدا: «بىز بازاردىكى پەرەزلەر ياكى ئالاھىدە خېرىدارلار بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلمايمىز. ئېنىق تەرەققىياتلار بولغان تەقدىردە، زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى بېرىمىز» دېگەن.
ئالما شىركىتىنىڭ پىلانى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان بولۇپ، شىركەت 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكىدا سېتىلىدىغان ئايفونلارنىڭ زور بىر قىسمىنى ھىندىستاندىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا. بۇ ئىستراتېگىيە خىتاي مەنبەلىك تەمىنلەش خەتەرلىرىگە ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا سۈركىلىشلىرىگە قارىتا بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاپرېل ئېيىدا ھىندىستاندىن كىرىدىغان ماللاردىن %26 تاموژنا بېجى ئالغان بولسا، خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان باج نىسبىتى %100 دىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا خىتايدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قارىتىلغان قوشۇمچە باجلارنى ئۈچ ئاي توختىتىپ قويغانىدى. بۇ تەرەققىياتلار ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاننى مەركەز قىلغان ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر