
تونۇلغان ئاكادېمىك دوكتور ئەسئەت سۇلايمان 18-دېكابىر كەچتە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى زالىدا «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۈرەش ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخىرقى بەش يىل» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن دوكتور ئەسئەت سۇلايمان مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن مەزكۇر ماقالىسىنى تولۇق ۋە تەپسىلىي ئاڭلىتىش ئۈچۈن، پەيشەنبە كەچتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
قۇرئان تىلاۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ قىسقىچە سۆزىدىن كېيىن، دوكتور ئەسئەت سۇلايمان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى بەش يىللىق سىياسىي ھاياتىنى ئالاقىدار سۈرەتلەر، تارىخىي ھۆججەتلەر بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، مەرھۇمنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ، قارارلىرىنىڭ، ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، تەسىرىنى يورۇتۇپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىنىمۇ ماس قەدەمدە ئىنچىكە چۈشەندۈردى.
يىغىن زالى لېكسىيەنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا ئالاقىدار بىر قىسىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور ئەسئەت سۇلايمان سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
يىغىلىشتا يەنە ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلارمۇ قىسقىچە سۆز قىلىپ، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتىنى، تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى. ئاخىردا دوكتور ئەسئەت سۇلايمان بىر قىسىم قاتناشقۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە، «ئۈچ-يەتتە پاجىئەسى» ناملىق كىتابىغا ئىمزا قويۇپ بەردى.