
يېقىندا ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە قايتا تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئېرىنىڭ ياپونىيە بىلەن تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈن ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنى ئۇيغۇر تىلىدا قارشى ئالدى.
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنى شەۋكەت مىرزىيويوف 18-دېكابىر ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋە ئالاقە مىنىستىرى يوشىماسا ھاياشى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەرفىيە ئېرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالغان.
ئەرفىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا تارقاتقان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنى ئۇيغۇر تىلىدا قارشى ئالغان. شەۋكەت مىرزىيويوفمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ، قىزغىن پاراڭلاشقان ۋە ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلغان. مەزكۇر ۋىدىيوغا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تورداشلار تۈرلۈك ئىنكاسلارنى يېزىپ، تۈرك خەلقىنىڭ قېرىنداشلىقى، تۈرك تىلىنىڭ قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھاياجانلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە چاقناۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە ئېرى 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياپونىيەدە ئۆسۈپ-يېتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر تىلىنى قىلچە ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ يەنە خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئاۋاز چىقارغان بولۇپ، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.