
18-دېكابىر «خەلقئارالىق كۆچمەنلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەنقەرەدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە «كۆچمەنلىك ۋە مۇھاجىرەت ۋەقفى»نىڭ ھەمكارلىقىدا «كۆچمەنلىك، مۇھاجىرەت ۋە دىپلوماتىيە باشلىقلار يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خادىمى، ژۇرنالىست مىركامىلجان كاشغەرىي ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۈلەنت تۇران، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لەمان يېنىگۈن ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى.

ژۇرنالىست مىركامىلجان كاشغەرىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر مۇنبەردە ئۇيغۇرلارنى «پاناھلانغۇچى»لىقتىن ئىبارەت پاسسىپ سالاھىيەتتىن چىقىرىپ، تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىدىكى ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ماددىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات لايىھەسىنى سۇنغان.

مەزكۇر تەكلىپلەر بولسا: ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن «جىنايى ئىشلار خاتىرىسى»، «تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى»، «توي خېتى» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك ھۆججەت-ماتېرىيال قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسىنىڭ توڭلىتىلىشى، ئېنىقسىزلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىش؛ G87 كودلىرى ۋە ساقچىخانىغا ئىمزاغا بېرىش ئاۋارىچىلىكىنى تۈگىتىش؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باشتۇرۇشلىرىغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر ئېغىزى ۋە رەقەملىك ئالاقە قالقىنى قۇرۇپ چىقىش؛ تاراتقۇلاردا سىياسەتتىن ئۈستۈن بىر تىل بەرپا قىلىش ۋە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن «تاراتقۇ ئەخلاق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالاھىدە قېرىنداشلىق قانۇنى چىقىرىش قاتارلىقلار ئىكەن.
تەكلىپتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ناچار تەسىرلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە كونكرېت ھەل قىلىش چارىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.






