
خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا قاراتقان تەھدىتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە تارىختىكى ئەڭ زور سوممىلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىنى تەستىقلىدى.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-دېكابىر تەيۋەنگە قىممىتى 11.1 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىنى تەستىقلىغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپمۇ 18-دېكابىر قارارغا ئىمزا قويۇپ، رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلغان.
بۇ قېتىملىق سېتىش پىروگراممىسى «ھىمارس ئۇزۇن مۇساپىلىك نىشانغا دەل زەربە بېرىش سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش»، «بىرونېۋىكقا قارشى ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات راكېتا سىستېمىسى»... قاتارلىق سەككىز تۈردىن تەشكىل تاپىدىكەن.
پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بىر قىسىم كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ نىيۇيوركقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا مەيدانى دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىملىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى پەسەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باياناتلىرىدا بۇ قېتىملىق قورال-ياراغ سېتىش قارارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ ئىشەنچلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە كەڭ كۆلەمدە قورال-ياراغ سېتىش قارارىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدىغانلىقى، تەيۋەننى قوراللاندۇرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.