
بۈگۈن 20-دېكابىر شەنبە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئايلىق قېرىنداشلىق يىغىنى ۋە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان تەكلىماكان مەخسۇم ھاجىمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۆلىمالار، ھەرقايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا مائارىپ ئەزالىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن مەرھۇم مەخسۇمھاجىمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى قىلىنىپ، دۇئا قىلىندى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئۆلىملار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.




قىلىنغان سۆزلەردە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەدە قۇرۇلۇشىدىن بۇيان قىلىنغان خىزمەتلەر ۋە مەرھۇم مەخسۇمھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئىش-ئىزلىرى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قايسى ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى، قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار تەپسىلىي يورۇتۇلدى.
پائالىيەت ئۇستاز ئابدۇلئەزىز مەخسۇمھاجىمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاياقلاشتى.
يىغىندا سۆزلەنگەن مەزمۇنلار پات ئارىدا ئىستىقلال ئىكرانىڭلاردا بولىدۇ .
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر














