
17-دېكابىر تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تۈركسوي ۋە «15-ئىيۇل دېموكراتىيە مۇزېيى»نىڭ ھەمكارلىقىدا، دۇنيا تۈرك تىلى ئائىلىسى كۈنىگە بېغىشلاپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، تۈرك دۇنياسىنىڭ تونۇلغان ئاكادېمىكلىرى ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خادىمى، ژۇرنالىست مىركامىلجان كاشغەرىي تەكلىپ بىلەن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سەھنىدە سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ھەققىدە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىركامىلجان كاشغەرىي نۇتقىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەقەت بىر يەرلىك شېۋىلا ئەمەس، بەلكى مەتبەئەنى ئىجاد قىلغان، كۇتۇپخانىلار قۇرغان، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبلارنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنى دۇنياغا تەقدىم قىلغان يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە نۆۋەتتە خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلەنگەن ۋە يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسىنىڭ، خۇسۇسەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەكلىپنى سۇنغان بولۇپ، تەكلىپنىڭ بىرىنچىسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇپ ئارقىلىق، رەقەملىك دۇنيادا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركسويغا ئوخشاش رەسمىي ئورگانلارنىڭ قوللىشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىكلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، رەقەملىك كۇتۇپخانىلار، تور لۇغەتلىرى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىككىنچى تەكلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە بولۇپ، قازاقىستاننىڭ بۇ جەھەتتە ئۈلگە ياراتقانلىقى، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرى تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان باشقا دۆلەتلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش دەرسلىكلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى كېرەك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۈچىنچى تەكلىپتە تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتلىرى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، خۇددى تۈركىيەنىڭ 2008-يىلىدىن تارتىپ ت ر ت رادىيوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى باشلىغىنىغا ئوخشاش، باشقا قېرىنداش تۈرك دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلارنىڭ باشلىنىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەلقئارالىق ئاخبارات تىلى سۈپىتىدە تېگىشلىك ئورنىنى تېپىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قارار ماقۇللىشى بىلەن، بۇ يىلدىن تارتىپ 15-دېكابىر «دۇنيا تۈرك تىلى ئائىلىسى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار ئورگانلىرى، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بۇ ئالاھىدە كۈننى تەبرىكلەپ، مەخسۇس مۇنبەر، پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن بولۇپ، بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مەزكۇر پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقانىدى.