خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك»نى مەجبۇرىي تېڭىش ۋاسىتىلىرى چېكىدىن ئاشماقتا

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە، ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلدۇرۇش» (يەنى ئاتالمىش خىتاينى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، خىتايچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش) تېررور سىياسىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جىنايەتلىرىنى ۋاسىتە تاللىماي ئىجرا قىلماقتا. يېقىندا قاغىلىق ناھىيەسىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن «بايراق قوبۇل قىلىش مۇراسىمى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 22-دېكابىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى «1-ئاۋغۇست قىزىل ئارمىيە ئوتتۇرا مەكتىپى» دەپ تىيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان بايراقنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. قاتتىق داغدۇغا بىلەن تەشكىللەنگەن مۇراسىمغا قاغىلىق ناھىيەسىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تولۇق قاتناشتۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش فورما كىيىپ، يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تارىختىكى كونا فورمىلىرىنى كىيىپ، يۈزىگە خىتاي بايرىقىنى چاپلاپ، قولىدا خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تىيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغان.

سىندىكى كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بايرىقى ئالاھىدە ياسالغان ياغاچ ساندۇققا قاچىلىنىپ ئەكېلىنگەن بولۇپ، مەخسۇس پارات بىلەن سەھنىدە ئېچىلغان. يەنە بايراقنىڭ گۇۋاھنامىسىمۇ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تىيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان بايراققا ئېرىشىشنىڭ كاتتا شان-شەرەپ ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە ساناقلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىل بايراققا ئېرىشەلىگەنلىكى، مەزكۇر بايراقنىڭ 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر تىيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان بايراق ئىكەنلىكى، قاغىلىق 1-ئاۋغۇست قىزىل ئارمىيە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بويىچە تىيەنئەنمېن مەيدانىدا چىقىرىلغان بايراققا ئېرىشكەن تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكى، مەزكۇر بايراقنىڭ مەكتەپنىڭ «قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى زالى»دە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بۇ خىل نومۇسسىز ۋاسىتىلەر بىلەن مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە بۇنى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» قالپىقى ئاستىدا پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىمايدىغان ھەقىقىي يۈزىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2025 03:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق