ياپونىيە ئەمەلدارلىرى جىددىي ۋەزىيەتتە تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

خىتاي-تەيۋەن دىپلوماتىك سۈركىلىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتلىرى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت باش كاتىپى كوئىچى ھاگىئۇدا ۋە سابىق ئەدلىيە ۋەزىرى كېئىسۇكې سۇزۇكى باشچىلىقىدىكى ئۈچ پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى 22-دېكابىر تەيۋەندە زىيارەتتە بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنت ئىشخانىسى تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى «تارىختىكى ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت» دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، لەي چىڭدې شۇ جاي ۋاقتى 22-دېكابىر ئەتىگەندە ياپونىيەنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىرلىكتە «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولسىمۇ، ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار سۆزلىرى سەۋەبلىك، خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن، خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ياپونىيەگە بېسىم قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە بېرىشىنىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا زىت ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرىنى تەيۋەنگە ئالاقىدار سۆزلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 67 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2025 04:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق