خىتاي تۈركىيەدىكى كۆز بويامچىلىق پىلانلىرىنى ئىجرا قىلماقتا

 

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يېقىندا ئىستانبۇلدا ياشلار سالونى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، مەزكۇر پائالىيەتكە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان.

خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، 11-دېكابىر خىتاي باش كونسۇلخانىسىدا 3-نۆۋەتلىك ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىلىشقا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

خەۋەردە خىتاينىڭ باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭنىڭ يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، ياشلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى چوڭ يىغىنلىرىنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزگەنلىكى، كونسۇلخانىنىڭ بىر يىللىق خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ چىققانلىقى، ياشلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەشكە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»نىڭ ۋارىسلىرى بولۇشقا، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئالاقىچىلىك رولى ئويناشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئالاقىدار سۈرەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يىغىلىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ھەيران قالغۇدەك تەرەققىياتلارغا شاھىت بولغانلىقىدەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ۋە «ۋەتىنى»نى سۆيۈپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي باش كونسۇلخانىسى بۇ يىل 8-ئايدىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈركىيەدە ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈش، ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاشقا تەشكىللەش، بالىلار ئۈچۈن خىتاي تىلى كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆز مىللىتىنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا، غەزەپ-نەپرەت قوزغىغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاي تۈركىيەدە بىر قىسىم پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ماڭقۇرتلاشقان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشماقتا.

 

بۇ خەۋەر 118 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2025 04:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق