
ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى 22-دېكابىر چەت ئەلدە ياسالغان بارلىق دىرون (ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى) مەھسۇلاتلىرىنى خەۋپ-خەتەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارار دىرون ساھەسىنى مونوپول قىلىۋاتقان خىتاينىڭ داجياڭ (DJI) ۋە داۋتۇڭ (Autel) شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى دۈشەنبە ئېلان قىلغان قىسقىچە دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن بۇ قارار چىقىرىلغانلىقىنى، چەت ئەلدە ياسالغان دىرون ۋە زاپچاسلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىنىڭ بۇ قارارى تۇيۇقسىز چىقىرىلىپ قالمىغان بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا 2025-يىللىق مالىيە يىلىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنىنى ماقۇللاپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا بىر يىل مۇددەت ئىچىدە داجياڭ (DJI)، داۋتۇڭ (Autel) قاتارلىق خىتايدا ياسالغان دىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىشقا بۇيرۇغان.
بۇ چەكلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى داجياڭ (DJI)، داۋتۇڭ (Autel) ۋە باشقا چەت ئەل دىرون ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى دىرون ياكى مۇھىم زاپچاسلىرىنى سېتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئالالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتىنىڭ بۇ قارارىنى ماختاپ، قاتتىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ داجياڭ (DJI) شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىكى سودا دىرونلىرى بازىرىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى، ئامېرىكىدىكى سودا دىرونلىرى بازىرىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ بولغان. مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق، كانچىلىق ۋە شۇنداقلا ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلمەكتىكەن.