تارىم نېفىتلىكىدىكى چوڭقۇر قۇدۇقلار 10 مىلياردلىق سەۋىيەدە تالان-تاراج قىلىنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشتا يېڭى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىنى كۆپلەپ بۇرغىلاپ چىققانىدى. توختاۋسىز بۇلاڭ-تالاڭنىڭ نەتىجىسىدە، تارىم نېفىتلىكىگە جايلاشقان بوز-دابېي تەبىئىي گازلىقىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر، قويۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازلىقتىكى بۇلاڭ-تالاڭ كۆلىمى 10 مىليارد سەۋىيەسىگە يەتكەندىن سىرت، بۇ بىر يىلدا 918 مىڭ 900 توننا قويۇقلاندۇرۇلغان نېفىت بۇرغىلانغان. ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە پەقەت بۇ تەبىئىي گازلىق رايونىدىنلا جەمئىي 5 مىليون 770 مىڭ توننا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بۇلاڭ تالاڭ قىلىنغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا دەرىجىدىن تاشقىرى نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىنى بۇرغىلاش سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلگەنلىكى، ھەربىر قۇدۇقتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 280 مىڭ كۇب مېتىرغىچە تەبىئىي گازغا ئېرىشىلگەنلىكى، بۇ يەردىكى بىر قۇدۇقنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 680 مىڭ ئادەمنىڭ كۈندىلىك گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ يىل ماي ئېيىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تارىم نېفىتلىكىدە 8000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقتىن 193 نى بۇرغىلاپ چىققان. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى خىتاينىڭ پۈتۈن زاپاس مىقدارىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا نېفىتلىكلەرنى قوشقاندا، جەمئىي 250 دىن ئارتۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقى بۇرغىلانغان.

خىتاي بۇنى كاتتا نەتىجە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توختىماي توشۇماقتا. بۇلاردىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقلارنى كۆپلەپ بۇغرىلاش جىنايىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 54 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2025 23:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق