
ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى (مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) 23-دېكابىر 2025-يىللىق «خىتاي ھەربىي كۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەنى تارىخىي سەۋىيەدە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ زور خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلات تىرامپ ئىككىنچى نۆۋەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە ئالاقىدار تۇنجى دوكلات بولۇپ،دوكلاتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 2027-يىلىدىن بۇرۇن تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاي ئارمىيەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ ھەربىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپلىگەن نۇقتىلار باھالانغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان يادرو قورالى، دېڭىزدىكى كۈچى، يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم ئىقتىدارى، تور بوشلۇقى كۈچى ۋە ئالەم بوشلۇقى كۈچىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالالايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە بۇنىڭغا خىتاي تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ 2024-يىلى ھەر قايسى ساھەلەردىكى قوراللارنى كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىپ، تەيۋەنگە ھەر تەرەپلىمە بېسىم كۆرسەتكەنلىكى، تەھدىت سېلىش، قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، تەيۋەننى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ يادرو قورالىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئېلىپ، 2024-يىلىدىكى يادرو ئوق بېشى زاپىسىنىڭ 600 گە يېقىن ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، 2030-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشىنىڭ 1000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكىنىڭ ھەمكارلىق دەرىجىسىنى چەكلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
شۇنداقتىمۇ دوكلاتنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرغۇن يىللار مابەينىدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇستەھكەم ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ياكى ھاقارەت قىلىش نىيىتى يوق ئىكەنلىكى، پەقەت ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.