
خىتاينىڭ ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىدىن بىرى بولغان «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىگە مەسئۇل سابىق ئەمەلدار، يەنى 1988-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە «خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى»نىڭ رەئىسى بولغان پېڭ پېييۈن ئالدىنقى يەكشەنبە 96 يېشىدا ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئۇنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارغا ئالاقىدار خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «مۇنەۋۋەر رەھبەر» دەپ مەدھىيەلىگەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپلەپ يېزىلغان. بەزى خىتايلار ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى، ھازىرقى نوپۇس كىرىزىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي 80-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ 30 نەچچە يىل ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۇقتىلىق، ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئون يىلدا خىتايدا تۇغۇت سىياسىتى بوشىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق نوپۇس كونترول قىلىش جىنايەتلىرى ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلىندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تۇغۇش نىسبىتىدىنمۇ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى.
خىتاينىڭ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتى ئاخىردا نوپۇسنىڭ قېرىشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۇدا تۆۋەنلىشىدەك نوپۇس كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ئالدىنقى يىللاردا تۇغۇت سىياسىتىنى 180 گىرادۇس ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا تەشۋىق قىلماقتا.
ھالبۇكى، مەزكۇر سابىق ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ كۆپىيىشى يەنىلا گۇمان قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر بارلىق يازمىلار، ئىنكاسلار قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان خىتاينىڭ تور دۇنياسىدا، خىتاي رېجىمى ماختاۋاتقان بىر ئەمەلدارغا بۇ خىل نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ يېزىلىشىغا يول قويۇلىشىنىڭ نورمال ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، خىتايدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ مەلۇم ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىي قارارى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي رېجىمىنىڭ باشتىن-ئاخىر پىلانلىشى، كونتروللۇقى، نازارىتى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ خىل كونا تاكتىكا ئارقىلىق، پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى ئايرىم شەخسكە يۆتكەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.