ياپونىيە خىتاينى چەكلەش مەقسىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى مۇداپىئە خامچوتىنى تەستىقلىدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن، 2026-مالىيە يىلى ئۈچۈن 58 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان تارىخىي رېكورت ياراتقان مۇداپىئە خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇ خامچوت ئارقىلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدىكەن.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئامبىرىنى كېڭەيتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە قىرغاق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، كېلەر يىلى ئۈچۈن 9 تىرىليون يېن (58 مىليارد دوللار) دىن ئاشىدىغان تارىخىي رېكورتلۇق مۇداپىئە خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىغان.

ئاپرېل ئېيىدا باشلىنىدىغان 2026-مالىيە يىلى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ خامچوت لايىھەسى 2025-يىلىدىكىگە قارىغاندا %9.4 يۇقىرى بولۇپ، نۆۋەتتىكى بەش يىللىق پىلاننىڭ تۆتىنچى يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ياپونىيە يىللىق ھەربىي چىقىمىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 گە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشقا تەييارلانماقتا.

بۇ چىقىم ئاشۇرۇش خىتاي بىلەن بولغان جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى نويابىر ئېيىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان تەقدىردە، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭغا مۇداخىلە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چىقىملارنى ئاشۇرۇش بېسىمى ئاستىدا قالغان تاكائىچى ھۆكۈمىتى پىلانلانغان ۋاقىتتىن ئىككى يىل بۇرۇن، يەنى كېلەر يىلى مارت ئېيىغىچە %2 لىك نىشانغا يېتىشكە ۋەدە بەرگەن. ياپونىيە يەنە ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسىتىنى 2026-يىلى دېكابىرغىچە قايتا كۆرۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا.

2022-يىلى قوبۇل قىلىنغان نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى خىتاينى دۆلەتنىڭ «ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىسى» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىغا ئاساسەن، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھۇجۇمچى رول ئېلىشىنى كۆزدە تۇتماقتا.

يېڭى خامچوت لايىھەسىدە ياپونىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 970 مىليارد يېن (6.2 مىليارد دوللار) دىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىلغان. بۇ مەبلەغ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش چىقىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ياپونىيەدە نوپۇسنىڭ قېرىشى، ئازىيىشى ۋە ئارمىيەدىكى خادىم يېتىشمەسلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەت ئاپتوماتىك قوراللارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 96 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2025 02:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق