خىتاي تەيۋەن سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ 20 شىركىتىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزدى

ئېمبارگولار ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەنگە 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قورال سېتىش قارارىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن تەخمىنەن بىر ھەپتە كېيىن يولغا قويۇلدى.

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەيۋەنگە زور كۆلەملىك قورال سېتىپ بېرىلگەنلىكىگە ئىنكاس سۈپىتىدە، ئامېرىكىنىڭ 20 مۇداپىئە شىركىتى ۋە 10 يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاينىڭ ئېيتىشىچە، ئېمبارگو مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە شەخس ياكى ئورگانلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ جازا تەدبىرلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قورال سېتىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنى دەپ چالۋاقاپ، ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سالماقتا ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كېلىشىملەرگە خىلاپ دەپ داۋراڭ سالماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ تۈپ مەنپەئەتىنىڭ مەركىزىدە، شۇنداقلا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئاتلاپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىق. تەيۋەنگە قورال ساتقان ھەر بىر شىركەت ۋە شەخس بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دەپ جار سېلىندى.  باياناتتا يەنە ئامېرىكىغا تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشقا قاراپ تاشلىغان خەتەرلىك قەدەملىرىنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىندى.

تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ نازۇك جىددىي نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. خىتاي ئارمىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارال ئەتراپىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرى بىلەن سۈنئىي ھالدا دائىملىق ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 76 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2025 03:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق